ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

يېمەكلىك ئىمپورت – ئېكسپورتى

62 – ماددا ئىمپورت يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى شۇنىڭدەك يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە توشۇشى كېرەك.

ئىمپورت يېمەكلىك چېگرا پرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ پرىيومىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاموژنا ئۇنى چېگرا پرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

63 – ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغان يېمەكلىكنى ئىمپورت قىلىدىغان ياكى يېمەكلىك خۇرۇچى يېڭى تۈرى، يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تۈرلەرنى تۇنجى ئىمپورت قىلىدىغان ئىمپورتچى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىكىنى باھالاشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 44 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىجازەت قىلىش – قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىپ دۆلەت ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى كېرەك.

64 – ماددا چېگرا سىرتىدا يۈز بەرگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسى دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىدە تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغاندا ياكى ئىمپورت يېمەكلىكتە ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى بايقالغاندا، دۆلەت چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقى خەۋپ – خەتەر سىگنالى بېرىش تەدبىرى ياكى تىزگىنلەش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. خەۋەر تاپقان تارماق ۋاقتىدا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

65 – ماددا دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىگە يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان ئېكسپورتچى ياكى ۋاكالەتچى دۆلەت چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىگە يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان چېگرا سىرتىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى دۆلەت چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقى ئەنگە ئالدۇرغان ئېكسپورتچى، ۋاكالەتچى ۋە رويخەتكە ئالدۇرغان چېگرا سىرتىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

 

66 – ماددا ئىمپورت قىلىنىدىغان ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكنىڭ خەنزۇچە يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى بولۇشى كېرەك. يارلىق ۋە چۈشەندۈرمە مۇشۇ قانۇن شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزنىڭ باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئۇنىڭغا يېمەكلىكنىڭ ئەسلى ئىشلەنگەن جايى شۇنىڭدەك چېگرا ئىچىدىكى ۋاكالەتچىنىڭ نامى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلغان بولۇشى كېرەك. ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەردىن خەنزۇچە يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى بولمىغان ياكى يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ.

67 – ماددا ئىمپورتچى ئىمپورت قىلغان، ساتقان يېمەكلىكنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىكنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىمپورت تۈركۈم نومۇرى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئېكسپورتچى ۋە سېتىۋالغۇچىنىڭ نامى شۇنىڭدەك ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مال تاپشۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

ئىمپورت قىلىنغان ۋە سېتىلغان يېمەكلىك خاتىرىسى چىن بولۇشى، ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

68 – ماددا ئېكسپورت يېمەكلىكنى چېگرا پرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتى نازارەت قىلىدۇ، ئارىلاپ پرىيوم قىلىدۇ، تاموژنا ئۇنى چېگرا پرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزىدۇ.

ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ۋە ئېكسپورت يېمەكلىك خام ئەشيالىرىنى تېرىش، بېقىش مەيدانلىرىنى دۆلەتنىڭ چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

69 – ماددا دۆلەتنىڭ چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقى ئىمپورت – ئېكسپورت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغىشى ھەمدە ئالاقىدار تارماق، ئاپپارات ۋە كارخانىلارنى ئۇنىڭدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت چېگرا پرىيوم – كارانتىن تارمىقى يېمەكلىكنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىدىغان ئىمپورتچى، ئېكسپورتچى ۋە ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئۈچۈن ئىناۋەت خاتىرىسى تۇتۇشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ناچارلار تىزىمىغا كىرىپ قالغان ئىمپورتچى، ئېكسپورتچى ۋە ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت، ئېكسپورت يېمەكلىكىنىڭ پرىيوم، كارانتىنىنى كۈچەيتىش كېرەك.

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<