ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك باشقۇرۇش نىزامى

(2004- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    1- ماددا  بۇ نىزام مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2- ماددا  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى بويىچە ئىشلەنگەن، پىششىقلانغان، ساقلانغان، توشۇلغان، سېتىلغان (تۆۋەندە ئىشلەش ۋە تىجارەت قىلىش دېيىلىدۇ) يېمەكلىك، قوشۇمچە يېمەكلىك ۋە خۇرۇچلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، مۇشۇ نىزامغا ئەمەل قىلىش شەرت.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، ج خ، ئىقتىساد-سودا، سۈپەت –تېخنىكا نازارەتچىلىكى، كارانتىن تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىككە ئالاقىدار نازارەت قىلىش باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سېلىنما، باج، كرېت جەھەتلەردىن ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

6-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم؛ مۇشۇ نىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا پاش قىلىش ھوقۇقى بار.

7- ماددا  مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەيدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەر قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن يېمەكلىك ئىشلەش، تىجارەت قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن سىرت، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىمۇ ھازىرلىشى لازىم؛

(1) پىششىقلاش، ساقلاش، سېتىۋېلىش، سېتىش قاتارلىق ئاساسلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلار ئىچىدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال ئادىتى بار مىللەت كىشىلىرى بولۇش؛

(2) مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر پىششىقلايدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، ساتىدىغان ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

8- ماددا  مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەيدىغان ۋە تىجارەت قىلدىغان كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقىدىن مۇسۇلمانچە دېگەن تاختىنى ئېلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

(1) يازما ئىلتىماس ۋە ئۆزىنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛

(2) تازىلىق ئىجازەتنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسى؛

(3) ئاساسلىق ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە مۇسۇلمانچە يېمەكلىككىلا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنىڭ سەپلىنىش ئەھۋالى.

ئۇنىۋېرسال تىجارەت قىلىدىغان سودا ساراي، تاللا بازار، كۆجۈم بازار ۋە مېھمانخانا قاتارلىقلار مۇسۇلمانچە يېمەكلىك تىجارىتى قىلىش ئۈچۈن، «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئاسماقچى بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ.

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 ئىش كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، شەرتكە توشىدىغانلارغا 《مۇسۇلمانچە》دېگەن تاختىنى بېرىش لازىم.

10- ماددا  «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.

«مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە- ئارىيەت بېرىش، ئېلىپ سېتىش ياكى ئىشلىتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

11- ماددا  «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئالغان كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەر «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت سورۇنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېسىشى ھەمدە نامى، ۋىۋىسكىسى ۋە يېمەكلىك نامى، ئورۇسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتنى ئېنىق يېزىسى كېرەك.

تەركىبىدە گۆش، سۈت ۋە ياغ بولمىغان يېمەكلىككە «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتنى يېزىشقا يول قويۇلمايدۇ، «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگە بار ئورۇنغا مۇسۇلمانچە ئەمەس يېمەكلىكنى قاچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ، مۇسۇلمانچە ئەمەس يېمەكلىكنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دەپ كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

12- ماددا  مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەيدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ نامى، ۋىۋىسكىسى ۋە يېمەكلىكنىڭ نامى، ئورۇسى، ئېلانىدا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال ئادىتى بار مىللەتلەرنىڭ ئادىتىگە زىت كېلىدىغان تىل، يېزىق، بەلگە، رەسىم ۋە ئۇلارنىڭ بىرىكمىلىرىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13- ماددا  ئۇنىۋېرسال تىجارەت قىلىدىغان سودا ساراي، تاللار بازار، كۆجۈم بازار، مېھمانخانىلارنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال ئادىتى بار مىللەتلەر پەرھىز قىلىدىغان يېمەكلىك ياكى بۇيۇمنى ساتىدىغان يايما – پۇكەيلىرى بىلەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساتىدىغان يايما- پۇكەيلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرۇلۇشى ياكى ئايرىۋېتىش ئەسلىھەسى ئورنىتىلىشى كېرەك.

14- ماددا  مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەيدىغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەر تىجارەتنى توختىتىش ياكى ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى، تاختا بەرگەن تارماققا بېرىپ «مۇسۇلمانچە» تاختىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.

15- ماددا  «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئالغان كارخانىلار ۋە يەككە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئەمەس يېمەكلىكنى ئىشلىشىگە ۋە تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

16-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپى ئورۇنلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلىرىدىكى سېتىۋالغۇچى، ساقلىغۇچىلىرى ۋە ئاشپەزلەر ئىچىدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال ئادىتى بار مىللەتلەر بولۇشى، ئىسكىلات، قازان-قۇمۇچ، ئۆلچەش ئەسۋابلىرى، يېمەكلىك توشۇش ۋاستىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سورۇنى مەخسۇس بولۇشى كېرەك.

17-ماددا ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىگە كىرىپ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساتىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ قولىدا ئىشلەنگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى بەرگەن《مۇسۇلمانچە》دېگەن ئىسپات بولۇشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەيدىغان تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار، يەككە تىجارەتچىلەرنى، شۇنداقلا سودا-ساراي، تاللا بازار، كۆجۈم بازار، مېھمانخانا، ئورۇنلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم.

19- ماددا  ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئالماي تۇرۇپ، «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگىنى ئېسىۋالغان ياكى «مۇسۇلمانچە» دەپ يېزىۋالغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرىۋالغانلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

20- ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،  «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە- ئارىيەت بەرگەن، ئېلىپ ساتقان ياكى ئىشلىتىۋالغانلارنىڭ  «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

21- ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

(1) تەركىبىدە گۆش، سۈت، ياغ بولمىغان يېمەكلىكلەرگە  «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتنى ئىشلىتىۋالغانلار؛

(2) «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگە بار ئورۇنغا مۇسۇلمانچە ئەمەس يېمەكلىكنى قاچىلىغانلار؛

(3) مۇسۇلمانچە ئەمەس يېمەكلىكنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قىلىپ كۆرسەتكەنلەر؛

(4)  «مۇسۇلمانچە» دېگەن تاختىنى ئالغان تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمانچە ئەمەس يېمەكلىكنى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغانلار.

22-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن مەمۇرىي جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛

23-ماددا مىللەتلەر ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

24-ماددا بۇ نىزام 2005-يىل 1- ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<