ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› يولغا قويۇلدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› يولغا قويۇلدى

 

مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› 1 – ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى.
    يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىنى تىزگىنلەشنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش، تور يېمەكلىك سودىسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن يېمەكلىك تىجارەت ئورۇنلىرىنى قانداق قىلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەر، بالىلار سۈت پاراشۇكى قاتارلىق ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلىپ نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، ‹‹تارىختىكى ئەڭ قاتتىق›› يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا بىر – بىرلەپ ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

 

    يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، چاقىرىپ سۆزلىشىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى

 

    يېڭى قانۇندا مۇنداق بەلگىلەندى: يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان بولسىمۇ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ خەۋپنى تۈگەتمىگەنلەرگە قارىتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنى چاقىرىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ سۆزلەشسە بولىدۇ. سۆزلىشىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىشەنچ ئارخىپىغا كىرگۈزۈش لازىم. يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، رايون خاراكتېرلىك زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاپىتىنى ۋاقتىدا تۈگەتمىگەن بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنى چاقىرىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ سۆزلەشسە بولىدۇ. مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن يېمەكلىك، دورا باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا تۈزەش ئېلىپ بېرىشى لازىم.

 

    ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ

 

    يېڭى قانۇندا بۇ جەھەتتە قاراتمىلىقى بولغان بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى: بولۇپمۇ، ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى مېۋە، كۆكتات، چاي يوپۇرمىقى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ ئالاھىدە تەكىتلەندى. يېڭى قانۇندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئاشۇنداق دورىلارنى ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتا ج خ ئورگانلىرى تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى بەلگىلىمە قوشۇلدى.

 

    بالىلار سۈت پاراشۇكىنى ئايرىپ قاچىلاش مەنئى قىلىنىدۇ

 

    بالىلار يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار خام ئەشيانى زاۋۇتقا كىرگۈزۈشتىن تارتىپ تەييار مەھسۇلاتنى زاۋۇتتىن ئىشلەپچىقارغىچە بولغان پۈتۈن جەرياندىكى سۈپەت ئۆلچىمىنى كونترول قىلىشى، زاۋۇتتىن چىقىرىلىدىغان بالىلار يېمەكلىكلىرىنى تۈركۈملەپ تەكشۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. بالىلار يېمەكلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى سۈت، قوشۇمچە ماتېرىياللار قاتارلىق يېمەكلىك خام ئەشيالىرى، يېمەكلىك خۇرۇجى قاتارلىقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بالىلار يېمەكلىكى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار يېمەكلىك خام ئەشياسى، يېمەكلىك خۇرۇجى ، مەھسۇلات سەپلىمىسى، شۇنىڭدەك ماركىسى قاتارلىقلارنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى لازىم.
    يېڭى قانۇندا بالىلار سۈت پاراشۇكىنى ئايرىپ قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدۇ، ئوخشاش بىر كارخانىنىڭ ئوخشاش بىر رېتسېپ بويىچە ئوخشىمايدىغان ماركىلىق بالىلار سۈت پاراشۇكىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

 

    ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ يېزىلىدۇ

 

    بۇ جەھەتتە مۇنداق كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى: بىرىنچى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە قارىتا تىزىمغا ئالدۇرۇش بىلەن ئەنگە ئالدۇرۇشنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئىلگىرىكى مەھسۇلاتنى تىزىملاشتەك بىرلا خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلدى؛ ئىككىنچى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ خام ئەشيا مۇندەرىجىسى، ئىقتىدار مۇندەرىجىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇندەرىجىدە بەلگىلەنگەن خام ئەشيانى ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئەنگە ئالدۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى؛ ئۈچىنچى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى كارخانىلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكى ھەم قەرەللىك دوكلات قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ تۆتىنچى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئېلانى بېرىشتە ئۆلكە دەرىجىلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى؛ بەشىنچى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش ئاساسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.


    يېڭى قانۇندا يەنە، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ماركىسى، چۈشەندۈرۈشىدە ‹‹بۇ مەھسۇلاتلارنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ›› دەپ يېزىپ قويۇلۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

 

    توردا يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسى بىلەن تىزىمغا ئېلىنىدۇ

 

    يېڭى قانۇندا بۇ جەھەتتە ئۈچ تۈرلۈك مەسئۇلىيەت بەلگىلەندى: بىرىنچى، تىجارەت قىلغۇچىلارغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسىنى تىزىملاش يولغا قويۇلۇپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئىككىنچى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى؛ ئۈچىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى.

 

    قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق جازالىنىپ، قالايمىقانچىلىق ئەھۋاللىرى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

 

    يېڭى قانۇندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلدى، ئالدى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشى تەلەپ قىلىندى. مەسىلەن، قانۇنغا خىلاپ ھالدا خىمىيەۋىلىك ماددىلارنى خۇرۇج قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن جىنايى ئىشلار جىنايىتى ياكى ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى، ئەگەر جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا ج خ تارماقلىرى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك، ئەگەر جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، مەمۇرىي ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك.


    يېڭى قانۇندىكى ئىككى ماددا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ: بىرى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ئۆمۈر بويى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ؛ يەنە بىرى، مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىنى بېرىش بەلگىلىمىسى يېڭىدىن قوشۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا يېمەكلىككە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان مەھسۇلاتلارنى خۇرۇج قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈپەيلىدىن ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلارنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىپ، قايتا – قايتا چەكلىسىمۇ توختاتمىغان قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش بەلگىلەندى.


    يېڭى قانۇندا مەمۇرىي جەھەتتىن جەرىمانە قويۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاشقا قارىتا، ئىلگىرىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تاۋار قىممىتىنىڭ ئون ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، يېڭى قانۇندا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تاۋار قىممىتىنىڭ 30 ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

 

    يېڭى قانۇندا يەنە گۇۋاھنامىسىز ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يېمەكلىككە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ماددىلارنى قانۇنسىز ھالدا خۇرۇج قىلىشقا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى سورۇنى بىلەن تەمىن ئېتىش قىلمىشلىرى جازالىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

 

    ھەق تەلەپ قانۇنى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن: بىرىنچى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن ئىستېمالچىلارنىڭ تۆلەم بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن تۆلەم بېرىشى، بىر – بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى تەلەپ قىلىندى؛ ئىككىنچى، جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئەسلىدىكى قانۇندىكى ئون ھەسسە باھا بويىچە جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش ئاساسىدا، ئىستېمالچىلار زىياننىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە تۆلەم بېرىشتەك جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەمنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى؛ ئۈچىنچى، ھەق تەلەپ جەھەتتىكى چاتما جاۋابكارلىقى كۈچەيتىلدى. تۆتىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە، ساختا ئۇچۇرلارنى توقۇپ چىققان، تارقاتقانلار ھەق – تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<