ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

شىركەتنى رويخەتكە ئېلىش شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا

يېڭى «شىركەت قانۇنى» دىكى شىركەتنى رويخەتكە ئېلىش شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا

 

شىركەت قانۇنى --شىركەتلەرنى قۇرۇش،تەشكىللەش،پائالىيەت قىلىش،تارقىتىش،ھېساباتنى ئېنىقلاش ۋە شىركەتنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن قانۇن مىزانلىرىنىڭ ئومۇمي ئاتىلىشى.كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ،شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى،تەشكىلى ئاپپاراتى ۋە تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەسىلەن:«شىركەت قانۇنى»،«ئاكسىيە قانۇنى»،«پاي چېكى سودىسى قانۇنى» قاتارلىقلار ؛ تار مەنىدىن ئېيتقاندا،پەقەت بىر دۆلەتنىڭ «شىركەت قانۇنى»نىلا كۆرسىتىدۇ.دۆلىتىمىز« شىركەت قانۇنى»نىڭ مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى شىركەتلەرنىڭ تەشكىلى ۋە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش،شىركەت،پايچىك ۋە ھەقدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش،جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرتىپىنى ساقلاش،سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.دۆلىتىمىز«شىركەت قانۇنى»ھەم تەشكىلى قانۇنى ھەم ھەرىكەت قانۇنى ھېسابلىنىدۇ.«شىركەت قانۇنى»ھازىرقى زامان بازار ئىگىلىكىدىكى ئاساسى قانۇن مىزانى بولۇپ،ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي يۈرۈش قانۇنىيىتىنىڭ قانۇندىكى ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر.ياخشى بولغان «شىركەت قانۇنى» ئۆزىدىكى قانۇن تۈزۈش ئىدىيەسى ۋە تۈزۈملەشتۈرۈش لايىھەسى ئارقىلىق بازارغا قاتناشقان سۇبيېكتلارنىڭ شەكىللىنىشى،مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى،كاپىتالنىڭ يۈرۈشۈش شەكلى،ئىناۋەت ئادىتى،سودا شەكلى قاتارلىقلارنى تۈپ ئاساسىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.


دۆلىتىمىز«شىركەت قانۇنى»1993-يىلى12-ئاينىڭ29-كۈنى8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.بۇ قانۇن دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن،شىركەت پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى بىرقەدەر سىستېمىلىق ۋە مۇكەممەل قانۇن ھېسابلىنىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن بۇ قانۇنغا 1999-يىلى،2004-يىلى،2005-يىلى ئۈچ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنىدى.بۇ قېتىم يەنى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىدا بۇ قانۇنغا 4-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.يېڭى «شىركەت قانۇنى»2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.


بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى ئىسلاھاتقا بىۋاسىتە چېتىلىدۇ:بىرىنچىدىن، رويخەتكە ئېلىنىدىغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلىش ۋە ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى؛

ئىككىنچىدىن،مەبلەغنى رويخەتكە ئېلىشتىكى شەرتلەر يېنىكلىتىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، تىزىملاش تۈرلىرى ۋە تىزىملاش ھۆججەتلىرى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلدى.


1.يېڭى«شىركەت قانۇنى»دا شىركەتنى رويخەتكە ئېلىشتا رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى مەبلەغ تاپشۇرۇش ۋەدىسىنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى


بۇرۇنقى «شىركەت قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا،شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا پايچىكلار مەبلەغنى چوقۇم ئەمەلىي تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى.مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرغاندىمۇ پايچىكلارنىڭ تۇنجى قېتىمدا تاپشۇرىدىغان مەبلىغىنىڭ سوممىسىغا قارىتا قاتتىق چەكلىمە قويۇلاتتى،شۇنداقلا قالدۇق مەبلەغنىمۇ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە چوقۇم تاپشۇرۇپ بولۇش تەلەپ قىلىناتتى.شۇنىڭ بىلەن بىللە،شىركەت رويخەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇن قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى پايچىكلارنىڭ تاپشۇرغان مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى زۆرۈر ئىدى.بۇ قېتىم يېڭى «شىركەت قانۇنى»دا پايچىكلارنىڭ مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇشىغا بولغان شەرت يېنىكلىتىلدى.يەنى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇلىدىغان رويخەتكە ئېلىنىدىغان مەبلەغكە نىسبەتەن يېڭى «شىركەت قانۇنى»دا مەبلەغنى چوقۇم تولۇق تاپشۇرۇپ بۇلۇش مۇددىتى بەلگىلەنمىدى.بۇرۇنقى«شىركەت قانۇنى»نىڭ 26-ماددىسىدىكى«شىركەتنىڭ بارلىق پايچىكلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تاپشۇرغان مەبلەغ سوممىسى رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىنمۇ تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك،قالغان قىسمىنى پايچىكلا شىركەت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرۇپ بولسا بولىدۇ»دېگەن بەلگىلىمىسى بىكار قىلىندى.بۇنىڭدىن باشقا،يالغۇز كىشىلىك چەكلىك شىركەتلەردىن بىر قېتىمدىلا پۈتۈن مەبلەغنى تۇلۇق تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولدى.يېڭى قانۇندا مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى پۈتۈنلەي ۋەدىنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرگەنلىكتىن،شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ۋەدىسىنى ئېتىراپ قىلىش سوممىسى،مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى،مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى قاتارلىقلارنى شىركەت پايچىكلىرى شىركەت نىزامنامىسىدا ئۆز ئىختىيارىچە كېلىشەلەيدىغان بولدى.تىجارەت كىنىشكىسىدە ئەمەلىي تاپشۇرۇلغان مەبلەغ سوممىسى ئىپادىلەنمەي،بەلكى بارلىق پايچىكلارنىڭ پىلاندىكى ۋەدىلەشكەن مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىلا ئىپادىلەنمەي،بەلكى بارلىق پايچىكلارنىڭ پىلاندىكى ۋەدىلەشكەن مەبلەغ سوممىسىلا ئىپادىلىنىدىغان بولدى.


2.يېڭى «شىركەت قانۇنى»دا رويخەتكە ئېلىنىدىغان مەبلەغ شەرتلىرى يېنىكلىتىلدى


بۇرۇنقى«شىركەت قانۇنى»نىڭ 26-ماددا2-تارمىقىدا:«...چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 30مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ...»دەپ؛81-ماددا3-تارمىقىدا:«...پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى بەش مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ...» دەپ؛59-ماددىسىدا:«يالغۇز كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 100مىڭ يۈەن بولىدۇ.پايچىك شىركەت نىزامنامىسدە بەلگىلەنگەن مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك»دەپ بەلگىلەنگەنىدى.بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ۋە يالغۇز كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قويۇلغان ئەڭ تۆۋەن سومما جەھەتتىكى بۇ شەرتلەر بىكار قىلىندى.شىركەتلەردىن شىركەت قۇرۇشتا رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى مەلۇم سوممىغا يېتىش تەلەپ قىلىنمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شىركەت قۇرۇلغاندا پايچىكلارنىڭ تۇنجى قېتىم چىقىرىدىغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى چەكلەنمىدى.پايچىكلارنىڭ پۇل شەكلىدىكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتىمۇ چەكلەنمىدى.شىركەت قۇرۇشتىكى بۇ شەرتلەرنىڭ يېنىكلىتىشى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ توپلاش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ ئاز مەبلەغ بىلەن ئىش باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.


3.تىزىملاش تۈرلىرى ۋە تىزىملاش ھۆججەتلىرىگە قويۇلغان تەلەپلەر ئاددىيلاشتۇرۇلدى


بۇرۇنقى «شىركەت قانۇنى»دا شىركەت قۇرۇشتا رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنى مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشدىن ئۆتكۈزۈش ۋە مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش شەرتى بار ئىدى.يەنى بۇرۇنقى شىركەت قانۇنىنىڭ 30-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«پايچىكلارنىڭ تۇنجى قېتىم چىقارغان مەبلىغى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بارلىق پايچىكلار بېكىتكەن ۋەكىل ياكى ئورتاقھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورگىنىغا شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسى،شىركەت نىزامنامىسى،مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ».لېكىن،بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى تاپشۇرۇش ۋەدىسنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن،شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغنى تەكشۈرۈش ئىسپاتىبىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىدىمۇ شىركەت ئەمەلىي توپلىغان مەبلەغ يېزىلمايدىغان بولدى.


يىغىپ ئېيتقاندا،يېڭى «شىركەت قانۇنى»نىڭ تۈزىتىلىپ يولغا قويۇلۇشى زامانۋى شىركەت تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرتى ئاستىدا،كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا بولغان قىزغىنلقىنى ئۇرغۇتالايدۇ،ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.بولۇپمۇ بۇنىڭدىكى مىكرو-كىچىك كارخانىلار ،يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ،ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.«شىركەت قانۇنى»نىڭ بۇ قېتىملىق تۈزىتىلشى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قېتىملىقى ئەمەس،بەلكى بىر يېڭى باشلىنىش.شىركەت قۇرۇش شەرتلىرىنى تۆۋەنلىتىش،مەمۇرىي جەھەتتىن ئارىلىشىۋېلىشنى ئازايتىش،شىركەت رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ھەممىسى شىركەت قانۇنى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمي يۈزلىنىشى.شىركەت بولسا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ھۈجەيرىسى.ھەر قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق شىركەتلەرنىڭ ساغلام،تىز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تاشقى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<