ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلى سۇئال -جاۋاپلار (1)

كەڭ كارخانچى ، يەككە سودا – سانائەتچى دوستلارنىڭ تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىغا بولغان تونۇشىنى تېخمۇ ئۆستۈرۈپ ، تاۋار ماركىسدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بۇ ھەقتە تەپسىلى سۇئال جاۋاپ تەييارلىدۇق . چاتما شەكىلدە دوسىتلارنىڭ پايدىلىنىشغا سۇندۇق . 
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ماتېريالنى ئىشلەتكۈچىلەر تەييارلغۇچىغا ھۆرمەت قىلساڭلار،مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسەڭلار.


1- سوئال : تاۋار ماركىسى دېگەن نېمە؟

جاۋاپ: تاۋار ماركىسى دېگىنىمىز، تاۋار ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى بىرەر كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى باشقا كارخانىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقان تاۋاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر تۈرلۈك مەخسۇس بەلگىنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ كۆپ تاۋار ماركىسى يېزىق، شەكىل ياكى يېزىق بىلەن شەكىلىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا تاۋار ماركىسىنىڭ بەزىلىرى تاق سۆزدىن، ھەرىپتىن، رەقەمدىن، شەكىلىدىن، بەلگىدىن، ئىمزادىن، رەڭدىن، گىرەلەشتۈرۈلگەن ھەرپتىدىن ۋە ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپىدۇ.

2- سوئال: «تاۋار ماركىسى قانۇنى» دېگەن نېمە؟

جاۋاپ: «تاۋار ماركىسى قانۇنى» دېگىنىمىز، تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغداش، ئىستېمالچىلارنڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىن پەيدا بولغان ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان قانۇن-قائىدىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىنى كۆرستىدۇ. 


3- سوئال: تاۋار ماركىسى بىلەن تاۋار بەلگىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

جاۋاپ: تاۋار ماركىسى تاۋارنىڭ بەلگىسىى بولۇپ، ئۇ بەلگە كاتېگورىيسىگە كىرىدۇ. بەلگە ھەم شەرتلىك بەلگە، ھەم قوشۇمچە بەلگە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەيئىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدۇ، تاۋار ماركىسى ۋە بەلگە ئوخشاشلا تەشۋىقات كاتېگورىيسىگە كىرىدۇ. تاۋار بەلگىسىنىڭ ئىشلەپچىقرىشتا قوللىنىش دائىرىسى تاۋار ماركىسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىدىن كەڭ بولۇپ، كىيىم-كېچەك، ئوزۇق –تۈلۈك، تۇرالغۇ جاي، يۇرۇش-تۇرۇش، ئېكىسكۇرسىيە، ساياھەت، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە، ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بەلگە ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە قوللىنىلىدۇ. بەلگە گەرچە بىر خىل شەرتلىك بەلگە، قوشۇمچە بەلگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەشۋىقات خاراكتېرىگە، روشەنلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پەقەت مەلۇم بىر شەيئىنىلا ئىپادىلەيدۇ. ھەرگىز تاۋار ئىگىلىكىدە ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىشلەپ چىقارغان تاۋارنىڭ بەلگىسى ئەمەس.ئادەتتىكى بەلگىنى تاۋار ماركىسى ئورنىدا قوللىنىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، كرېست جەمئىيتىنىڭ بەلگىسى، چەت ئەللەرنىڭ دۆلەت بايرىقى، تۆمۈر يول، ئاۋىئاتسىيە بەلگىسى قاتارلىقلارنى تاۋار ماركىسى ئورنىدا قوللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4- سوئال: تاۋار ماركىسى بىلەن تاۋار نامىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

جاۋاپ تاۋاردا ئىنتايىن كۆپ بەلگىلەر بولىدۇ. بۇ بەلگىلەرنىڭ بەزىلىرى تاۋار نامى، بەزىلىرى كارخانا نامى، مەسىلەن، يامغۇردىن، نەملىكتىن ساقلىنىش بەلگىلىرى، ئۆتكۈر زەھەرلىك بويۇم، توك سوقۇۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرمۇ بار. كىشىلەر تاۋار ماركىسىنى تاۋار نامى ۋە تاۋارلارنى بېزەش بىلەن ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 
تاۋار نامى تاۋارنىڭ ئاممىباب نامى ۋە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نامى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. تاۋارنىڭ ئاممىباب نامى يەنىلا تاۋارنىڭ ئادەتتىكى ئاتىلىشىدۇر. مەسىلەن، كىيىم تىكىش ماشىنىسى، ۋېلىسپىت، چايدان، خۇرۇم ئاياغ، پوپايكا، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تاۋارنىڭ ئاممىباب نامىدۇر. تاۋارنىڭ ئالاھىدە نامنىڭ ئالدىغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن، «شىچىڭ» ماركىلىق ئاق ھاراقتا، ئالدىغا «شۇاڭشى» «قوش خۇشاللىق» دېگەن نام يېزىلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «شۇاڭشى» دېگەن نام ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نامدۇر. پەرىق شۇكى، ئەگەر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نامدۇر. پەرق شۇكى، ئەگەر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نام تاۋار ماركىسى نامىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، تاۋارنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نامى بىلەن تاۋار ماركىسى نامى ئىككى خىل ئىش بولۇپ قالىدۇ.

5- سوئال: تاۋار ماركىسى بىلەن تاۋارلارنى بېزەشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

جاۋاپ: تاۋارلانى بېزەشنىڭ كۆپىنچىسى تاۋارلانى گۈزەللەشتۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ پەقەت تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىگەن سۈرەت نۇسخلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل سۈرەت نۇسخلىرى تاۋار ماركىسى ئەمەس، بېزەش بولسا، تاۋارنىڭ ئىقتىدارى، خام ئەشياسى، سۈپىتى، كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنى بىۋاستە ئىپادىلەيدۇ. بىراق تاۋار ماركىسىدا بۇ خۇسۇسىيەتلەر ئەكىس ئەتمەيدۇ. تاۋار ماركىسى بېزەشتە ئىنتايىن كىچىك جاينى ئىگلەيدۇ. 

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<